رۇسىيەدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 7 كىشى قازا قىلدى
رۇسىيەنىڭ تۇمەن رايونىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1560619
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۇمەن رايونىغا قاراشلىق بوروۋىسكىي يېزىسىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە باشلانغان ئوت ئاپىتىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 1 كىشى يارىلانغان.
ئوت ئاپىتى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، ۋەقەگە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغان.
بۇ ئارىلىقتا ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ئىجازەتنامىسى يوقلىقى ۋە خۇسۇسىي تۇرالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئۆي ئىگىسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيەگە قاراشلىق باشقوردىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشبۇلدىنو يېزىسىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىمۇ 15 - دىكابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.