ئاقساراي دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاقساراي باياناتچىسى كايلېگ ماكېنى ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1559749
ئاقساراي دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېنى، ترامپ  تەرەپدارلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاقساراي نامىدىن بايانات بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىزنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە كۆرگەنلىرىمىز نومۇسسىزلىق ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىغا زىت بولۇپ، بىز بۇ قىلمىشلارنى ھۆكۈمىتىمىز نامىدىن قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغانلار سوتلىنىشى كېرەك.»

نامايىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ 1-قوشۇمچە ماددىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكېنى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ۋاشىنگتوندا ۋە دۆلەت مىقياسىدا كۆرگەنلىرىمىز، بۇ ھوقۇقنى ئىشلىتىش ئەمەس ئىدى، چارشەنبە كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ مەجلىسىنىڭ كارىدورلىرىدا سادىر  بولغان قىلمىشلارمۇ بۇ ھوقۇقنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەمەس ئىدى.»

ۋەقەلەردە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ماكېنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى «قەھرىمانلار» دەپ ئاتاپ، مۇنداق دېدى: «دۆلەت مەجلىسى بىنامىزنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىشغال قىلغانلار، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىگە قارشىدۇر، ئاقسارايدىكى ھەممە كىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى پىرىنسىپ بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە. ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن بىر  يەرگە جەم بولۇش ۋە زوراۋانلىقنى رەت قىلىشنىڭ دەل ۋاقتىدۇر.»

ئالدىنقى كۈنى، ئاقساراينىڭ ئالدىدا، ترامپمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىلىشتىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا قاراپ ماڭغان ترامپ تەرەپدارى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى.

ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىدىن ھالقىغان بىر قىسىم نامايىشچىلار دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا كىرگەنىدى.

ۋەقەلەر جەريانىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر