قاتار ئايروپىلانلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىشنى باشلىدى

قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى — Qatar Airways، پارس قولتۇقى كىرىزىسى ھەل قىلىنىشى بىلەن، ئارىدىن تەخمىنەن 3.5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1559748
قاتار ئايروپىلانلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقىتىلغان باياناتتا: «قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۈگۈن كەچتىن باشلاپ بەزى ئايروپىلانلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇشىنى قايتىدىن باشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن پايدىلانغان تۇنجى ئايروپىلاننىڭ بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 20.45 دە دوھادىن جوھاننىسبۇرگقا قاراپ ئۇچقانلىقى قەيت قىلىندى.

شىركەت 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى پارس قولتۇقى رايونىدا باشلانغان كىرىزىس بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇشنى توختاتقانىدى.

كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ناسىر مۇھەممەد ئەسساباھ 4- يانۋاردا بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا چېگرالىرىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارخان ئال سۇئۇد 5- يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلئۇلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 41- نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا، قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوھا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېمبارگونى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتارنى «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلەپ،  ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغانىدى.

قاتار مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان ۋە بۇ ئەھۋال پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر