خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېللىي كرافتنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1560066
خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭنىڭ  كرافتنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكى، تەيۋەننىڭ  «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق رەسمىي ئالاقىگە قەتئىي قارشىدۇر. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىمىز پىرىنسىپلىق ۋە ئېنىقتۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېللىي كرافتنىڭ تەيۋەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر