جو بايدىن كوگرەگە بېسىپ كىرگەنلەرنى «يەرلىك تېررورىستلار» دەپ ئاتىدى

ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن 6-يانۋار (2021) كونگرەگە بېسىپ كىرگەنلەرنىڭ «يەرلىك تېررورىستلار» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1559841
جو بايدىن كوگرەگە بېسىپ كىرگەنلەرنى «يەرلىك تېررورىستلار» دەپ ئاتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن ئەدلىيە مىنىستىرى مېرىك گارلەند (MerrickGarland) نى تونىتىش پائالىيىتىدە، پىرېزىدېنت ترامپ تەرەپدارلىرىنىڭ كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ كونگرەگە بېسىپ كىرىشنىڭ، ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ قاراڭغۇلۇق» كۈنلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار نامايىشچى ئەمەس، ئۇلارنى نامايىشچى دېمەڭلار، ئۇلار ئىسيانچى مالىمانلار، ئۇلار يەرلىك تېررورىستلار. ترامپ باشتىن تارتىپ دېموكراتىك ئىدارە-ئورگانلىرىمىزغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ كەلدى» دېدى.

كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتتىن تۇنجى ئىستېپا يېتىپ كەلدى. قاتناش مىنىستىرى ئېليىن چاۋ (Elaine Chao) ۋەقەلەرگە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 11-يانۋار كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن، ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سارا ماتىيۇس (Sarah Matthews)، ئاقساراينىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مۇدىرى رىكى نايستا (Rickie Niceta) ۋە ترامپنىڭ رەپىقىسى مېلانا ترامپنىڭ باش كاتىپى گرىشام (Grisham) خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

6-يانۋار ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ترامپنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كونگرە بىناسىغا قاراپ ماڭغان مىڭلارچە ترامپ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىپ تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان ئىدى.

كونگرەدىكى ۋەقەلەر جەريانىدا ساقچىلارنىڭ چىقارغان ئوقىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە 12 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق ئەسكەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر