جەنۇبىي كورېيە مەھكىمىسى ياپونىيەنى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى

جەنۇبىي كورېيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، ياپونىيەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپون ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان كورېيەلىك ئاياللارغا تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.

1560055
جەنۇبىي كورېيە مەھكىمىسى ياپونىيەنى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت سېئۇلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، كورېيەلىك ئاياللارنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن خورلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ 2013 - يىلى سۇنغان ئەرزنامىسىگە قاراپ چىقتى.

سوت مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 12 ئايالنىڭ ھەر بىرىگە 100 مىليون ۋون (91 مىڭ 300 دوللار) تۆلەم بېرىشىگە قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاساسلىقى كورېيە، فىلىپپىن، تەيۋەن ۋە ئاسىيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىكى تەخمىنەن 200 مىڭ ئايال 1910- 1945- يىللىرى ئارىسىدا كورېيە يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرگەن ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ باسقۇنچىلىقى ۋە ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانىدى.

كورېيە بىلەن ياپونىيە 2015- يىلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارغا تۆلەم تۆلەش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن، سېئۇل بىلەن توكيو زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كورېيە ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىنى «ئۆزۈل - كېسىل ۋە ئۆزگەرمەس شەكىلدە» ھەل قىلىدۇ.

2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە كابىنېت كاتىبات باشقارمىسى ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا كورېيە ئاياللىرىغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر