ب د ت: ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1559843
ب د ت: ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  باچېلېت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىدىن ھالقىپ، دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ترامپ تەرەپدارلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە ئىسمىنى تىلغا ئالماستىن ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ «زوراۋانلىق ۋە نەپرەتنى كۈشكۈرتۈش» ىگە ئۈلگە تەشكىل قىلغانلىقىنى، دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش تەشەببۇسىدىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي ساھەنىڭ پۈتكۈل قاتلاملىرىدىكى رەھبەرلەرنى، يالغان ۋە خەتەرلىك سەپسەتىلەرنى رەت قىلىشقا، قوللىغۇچىلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ۋەقەلەردە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرىمۇ دۇچ كەلگەن جىددىي تەھدىتلەر ۋە مال – مۈلۈكلەرگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەشۋىش ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان باچېلېت، ۋەقەلەرنى كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش چاقىرىقلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر