ئىراقتىكى بىر سوت مەھكىمىسى ترامپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

ئىراق سوتى قاسىم سۇلەيمانى ۋۋە ھەشدۇششەئبى ھەرىكىتى مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇ مەھدى مۇھەندىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك دېلو دائىرىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

1559352
ئىراقتىكى بىر سوت مەھكىمىسى ترامپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سوتى ئىرانلىق قوماندان قاسىم سۇلەيمانى ۋۋە ھەشدۇششەئبى ھەرىكىتى مۇئاۋىن باشلىقى ئەبۇ مەھدى مۇھەندىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك دېلو دائىرىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى رۇسافا تەكشۈرۈش سوتى بايانات ئېلان قىلىپ، «مۇھەندىس ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇچرىغان سۇيىقەستنى تەكشۈرۈۋاتقان مۇپەتتىشنىڭ ئىراق جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146 – ماددىسىغا ئاساسەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان»لىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكانىڭ 2020 – يىلى 3 – يانۋاردىكى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانى ۋە مۇھەندىس باغداد ئايرودۇرۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

مەزكۇر سۇيىقەستتىن كېيىن ئىراق ھۆكۈمىتى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر