ئاقسارايدا ئىستېپا دولقۇنى قوزغالدى

ئامېرىكادا ترامپ تەرەپدارلىرىنىڭ كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرىشى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئاقسارايدا ئىستېپا دولقۇنى باشلاندى.

1559069
ئاقسارايدا ئىستېپا دولقۇنى قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ ۋە مېلىنا ترامپنىڭ باش كاتىپى گرىشام (Grisham) ئاقسارايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئىستېپا بەرگەن كىشى بولۇپ قالدى.

بىر مەزگىل ئاقساراينىڭ باياناتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان گرىشام باياناتىدا، خىزمىتىنى خۇشاللىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سارا ماتىيۇس (Sarah Matthews) بىلەن ئاقساراي ئىجتىمائىي ئىشلار مۇدىرى رىكى نايستا (Rickie Niceta) مۇ ئىستېپا بەرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئاقسارايدىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئىستېپا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇلار دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن (Robert O'Brien)، دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى مات پوتتىنگېر (Matt Pottinger) ۋە ئاقساراي مۇئاۋىن باش كاتىپى كرىس لىدېل (Chris Liddell) قاتارلىقلار ئىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قوللاپ نامايىش قىلغانلار، 2020-يىلى 3-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىلىرى رەسمىيلىشىدىغان كونگرەدىكى مۇراسىمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلار نەتىجىسىدە، سىرتقا چىقىشنى چەكلەش ئېلان قىلىندى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر