ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەلىرىدە تۆت ئادەم قازا قىلدى

پايتەختتە نامايىش ئۆتكۈزگەن ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا كىردى...

1558988
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەلىرىدە تۆت ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە تۆت ئادەم قازا قىلدى، كەم دېگەندە 52 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ۋەقەلەردىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا 15 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى؛ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، جىددىي ھالەتنىڭ 21- يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوندا شۇ يەر ۋاقتى (تۈنۈگۈن) سائەت 18:00 دىن باشلاپ كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىندى.

پايتەختتە نامايىش ئۆتكۈزگەن ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا كىردى؛ ساقچىلار بىناغا كىرگەن نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى. بىنادىكى سۈركىلىشتە يارىلانغان بىر ئايال قازا قىلدى.

ۋاشىنگتون ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىكى سۈركىلىش ئەسناسىدا يارىلانغان ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم  بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما، قازا قىلغان ئايالنىڭ كىملىكىگە دائىر ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلمىدى.

ۋاشىنگتون ساقچى باشلىقى روبېرت كونتى ۋەقەلەردە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ  بىرىنىڭ ئەر، ئىككىسىنىڭ ئايال ئايال ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىلاردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىدە قازا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ساقچى باشلىقى روبېرت كونتىمۇ قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئۇ يەنە، بۇ ۋەقەدە 14 ساقچىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى، كەم دېگەندە 52 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا يېقىن جايدىن تېپىلغان پارتلاتقۇچ ماددىنىڭ چۇۋۇپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن دۆلەت مەجلىسىدىكى جوۋ بايدىننىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىنى ماقۇللاش يىغىنى ۋاقىتلىق توختىتىلدى ۋە  يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس بىنانىڭ سىرتىغا چىقىرىلدى.

پېنس بىنادىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بايانات بېرىپ: «(نامايىشچىلارنى) دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىكى ۋەقەلەرگە خاتىمە بېرىش»كە چاقىرىپ، زوراۋانلىققا يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئارقىدىن كېڭەش پالاتا ئەزالىرىمۇ دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت جو بايدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ: «ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» قا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىردى.

بايدىن ترامپقا خىتاب قىلىپ: «ئۇ چوقۇم كامېرالارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، (دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىكى) قورشاۋغا خاتىمە بېرىشى كېرەك» دېدى.

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى باشلىقى توم ۋولف تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، نامايىشچىلارنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا كىرىشىگە «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ باھا بەردى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ترامپ دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ «دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىكى ۋەقەلەرگە ئارىلىشىشى» توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

نىيۇيورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇومو ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن ئامېرىكا دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن نىيۇيوركتىن 1000 مۇھاپىزەتچىنى پايتەخت ۋاشىنگىتونغا ئىككى ھەپتە ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ نامايىشچىلارنى «تىنچلىقنى ساقلاشقا» چاقىردى.

جىددىيلىك كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن، دونالد ترامپ سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئۇلار بىزدىن سايلامنى ئوغرىلىدى، ئەمما ھازىر سىلەر چوقۇم ئۆيۈڭلەرگە قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋەقەلەر باشلىنىشتىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا بولسا، ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدىكى مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ، 3 – نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئاۋازغا قويۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت مەجلىسى يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا توپلانغان قوللىغۇچىلىرىغا ئوق ئۆتمەس ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ خىتاب قىلىپ: «دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى» توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى تەكرارلىغانىدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ سايلامنىڭ ھەقىقىي غەلىبە قىلغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مەن مەغلۇبىيەتنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمەن، ۋاز كەچمەيمەن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر