دۇنيا ئەللىرى ۋاشىنگتوندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈردى

دۇنيا دۆلەتلىرى ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى.

1559282
دۇنيا ئەللىرى ۋاشىنگتوندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەقەلەرگە «ئەندىكتۈرگۈچى» دەپ باھا بەردى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ، ئامېرىكالىق نامايىشچىلارنىڭ توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: «ۋاشىنگتوندىكى كۆرۈنۈشلەر كىشىنى ئەندىكتۈرىدۇ. دېموكراتىك سايلامنىڭ نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دېموكراتىيەنىڭ ئىبادەتخانىسى. بۇ كېچە كۆرگەنلىرىمىز ئادەمنى ئەدىكتۈرىدۇ» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى دېيۋىد ساسولى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دېموكراتىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل ۋاشىنگتوندىكى ۋەقەلەرگە باھا بېرىپ: «(بۇ) ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە قىلىنغان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇم» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكادا ھوقۇقنى رەتلىك ۋە تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن: «مەن ئامېرىكا ئورگانلىرى ۋە دېموكراتىيەنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمەن. ھاكىمىيەتنىڭ تىنچ يۆتكىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. جو بايدىن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى، مەن ئامېرىكانىڭ كېيىنكى پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىمەن» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشىگە ئۇچرىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇتېررېس باياناتچىسى ئىستېفان دۇجارىك ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللاردا قوللىغۇچىلىرىدىن زوراۋانلىقتىن ساقلىنىشنى، دېموكراتىك مۇساپە ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان پىرېزىدېنتنىڭ قوللىغۇچىلىرى قانۇنلۇق سايلامنىڭ نەتىجىسىگە قورال بىلەن جەڭ ئېلان قىلسا، بۇ دۇنياۋى ئىدىيەگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۈگۈن ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن ئىشلار ئامېرىكانى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ» دېدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئورگانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق دېموكراتىيەگە قىلىنغان ئېغىر ھۇجۇمدۇر»... ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئاۋازىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ۋان دېر بېللېن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق  ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ قەلبى بولغان دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا ئاۋامچىللىق ۋە دېموكراتىك قىممەت  - قاراشلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ھالدا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز ۋاشىنگتوندىن كەلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئادەمنى ئەندىكتۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ دېموكراتىيەگە قىلىنغان قوبۇل قىلغۇسىز ھۇجۇم. ھوقۇقنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى چوقۇم تىنچ ۋە تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندر شاللېنبېرگ ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، زوراۋانلىق، ئۆچمەنلىك ۋە مالىمانچىلىق بىلەن بۇ سىمۋولغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىتۋا پىرېزىدېنتى گىتاناس نائۇسېدامۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگىرىشى پىشىپ يېتىلگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بىر كوچا قانۇنى ئەمەس، بىز ئىتتىپاقداش دۆلەتتىكى دېموكراتىك قىممەتلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز» دېدى.

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بىز ئامېرىكادىكى بېلەتلەرنى ساناش جەريانىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى رەت قىلىمىز. مەن پالاتانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزالىرى ۋە بارلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. كولومبىيە، دېموكراتىك ھاياتىمىزنىڭ بېشىدىن تارتىپلا دۆلەتلىرىمىز تەرىپىدىن ئورتاقلىشىلغان قانۇننىڭ كۈچىگە، ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋە دېموكراتىيەسىگە تولۇق ئىشىنىدۇ» دېدى.

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز جو بايدىننىڭ فوتو  - سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز ۋاشىنگىتوندا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش باسقۇچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە يېڭى پرېزىدېنت جو بايدىننى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.

چىلى پىرېزىدېنتى سېباستىيان پىنېرا بولسا: «چىلى ئامېرىكادىكى دېموكراتىك مۇساپىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرنى رەت قىلىدۇ، زوراۋانلىق ۋە ئاساسىي قانۇن ئورگانلىرىغا نامۇۋاپىق مۇداخىلە قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ. چىلى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئېكۋادور پىرېزىدېنتى لېنىن مورېنو ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز. ئەنئەنىۋى ئامېرىكا قانۇنىنىڭ كۈچىگە، تەشكىلىي قۇرۇلمىسىغا ۋە قانۇنىي تەرتىپ كاپالىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. دېموكراتىيەدە پۇقرالارنىڭ ئىرادىسىنى ئېتىراپ قىلىش تولىمۇ مۇھىم».

ئۇرۇگۋاي پرېزىدېنتى لۇئىس لاكاللې پو ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ، بىز بۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنىڭ ئورگانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېزا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋاشىنگتوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئەندىشە ئىچىدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا: «ئامېرىكا ھۇجۇمچى سىياسەتلىرى بىلەن دۆلەتلەردە يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ۋەقەلەرنى ھازىر ئۆزى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. بىز سىياسىي قۇتۇپلىشىشنى ئەيىبلەيمىز. ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خەلقىنىڭ سىجىل مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ يېڭى يولىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېدى.

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمېيېر ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئامېرىكاغا نىسبەتەن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ۋە ئەركىن دېموكراتىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر».

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلمۇ ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشىدىن كېيىنكى ۋەقەلەرگە ئالاقىدار سۈرەتلەرنىڭ ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى ۋە بىئارام قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاسمۇ «(ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد) ترامپ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ (سايلام) قارارىغا ھۆرمەت قىلىشى»نى تەلەپ قىلدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ستېفان لوفۋېن ۋەقە ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن ۋاشىنگتوندىكى ۋەقەلەرنى كۈچلۈك ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمەن. ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز دېموكراتىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. پىرېزىدېنت ترامپ ۋە پارلامېنتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلاردا زور مەسئۇلىيىتى بار. پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىنكى جەريانغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك دېموكراتىيەسى بار. مەن تىنچ تەرتىپنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندېمۇ  ۋاشىنگتوندىكى يىغىلىشتىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز دېموكراتىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمغا گۇۋاھ بولماقتىمىز. دېموكراتىك مۇساپىگە ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە تەرتىپ - ئىنتىزام تىنچ ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. ئامېرىكا دېموكراتىيەسى كۈچلۈك. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دېموكراتىك مۇساپىنى قوللاش مەجبۇرىيىتى بار» دېدى.

دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن بولسا: «ئاشقۇنلۇق، زوراۋانلىق، قۇتۇپلىشىش ۋە مالىمانچىلىق ھەرگىزمۇ توغرا يول ئەمەس. ۋاشىنگتوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار قورقۇنچلۇق. بىز دېموكراتىيەنىڭ قايتىدىن رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بۇ ھەقتە: «بىز ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋە دەھشەتلىك ۋەقەلەردىن ئىنتايىن بىئارام بولدۇق. ئامېرىكا دېموكراتىيەسى قەيسەر ۋە كۈچلۈك بولۇپ ،بۇ كىرىزىسنى يېڭىدۇ» دېدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز  بولسا: «مەن ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن. مەن ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمەن. يېڭى پىرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكا خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ۋە جىددىيلىكنى يېڭىدۇ» دېدى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لايا تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: «دېموكراتىيە ھوقۇقنى تىنچ ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ؛ كىم ئۇتتۇرسا مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ۋەكىللىرىگە تولۇق ئىشىنىش... پىرېزىدېنت جو بايدىنغا تولۇق ئىشىنىش» دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو: «مەن ۋەزىيەتنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزۈتىۋاتىمەن» دېگەن بولسا، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې «ھۆرمەتلىك ترامپ بۈگۈن بايدېننى كېيىنكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىل» دەپ چاقىرىق قىلدى.

بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو: «بىز سايلانغان پرېزىدېنت بايدېننى تولۇق قوللايمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ۋەقە ھەققىدە: «بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قىلىنغان مىسلى كۆرۈلمىگەن زوراۋانلىقنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا قانۇن - تۈزۈمنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كونستانتىن كوساچېۋ ئامېرىكادىكى ۋەقەلەرگە باھا بېرىپ، ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كوساچېف دېموكراتىيە بايرىمىنىڭ ھازىر ئاخىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ ئەمدى دېموكراتىيە مەسىلىدە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنى باشقىلارغا تېڭىش ھوقۇقدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تىۋىتتېر ھېسابىدا ۋاشىنگىتوندىكى مالىمانچىلىق ۋە زوراۋانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:  «دېموكراتىك مۇساپىنىڭ قانۇنسىز نامايىشلار ئارقىلىق قالايمىقان قىلىنىشىغا يول قويغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابى ئاشكېنازى ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ساقچى توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بۆسۈپ كىرىشىنى ئەيىبلىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەقەلەرنىڭ دېموكراتىيەگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ قەلبىنى ئازابلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا توخىتلىپ: «بىزنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ۋە بۈگۈن ئامېرىكىدا كۆرگەنلىرىمىز غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ۋە قابىلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى». دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا سۈكۈناتنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى.

بۇ ۋەقەنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەريانىدا دۆلىتى ۋە دۇنياغا ئېغىر زىيانلارنى سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاقسارايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان كىشىلەر (بۇ زىيانلار) نىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى ۋە ئۇلۇغ مىللەت بولغان ئامېرىكا خەلقىنى ھەقىقىي ئورنىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. ئۇلار (بايدىن رەھبەرلىك ئاپپاراتى) چوقۇم خەلقئارا جەمئىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلارغا، يەنى ئەقىل ۋە قانۇنغا قايتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەلىرىگە سىياسىيونلار، شۇنداقلا سودا، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە سەنئەتكارلارغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جورج دابلىيۇ بۇشمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە  بېسىپ كىرگەنلىكىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قوللاش نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەر توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسى رەسمىيلەشتۈرۈلىدىغان يىغىنغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن  «كوچىغا چىقىشنى چەكلەش» بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر