بىلىم ھەيئىتىگە خىتاي چېگراسىدىن كىرىشىكە رۇخسەت قىلىنمىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس(Tedros AdhanomGhebreyesus)ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)نىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرىدىغان خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر بىلىم ھەيئىتىنىڭ خىتايغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1558381
بىلىم ھەيئىتىگە خىتاي چېگراسىدىن كىرىشىكە رۇخسەت قىلىنمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس تۈنۈگۈن (2021-يىلى 5-يانۋار) شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدىكى تەشكىلات مەركىزىدە، 2021-يىلىنىڭ تۇنجى سىنلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتىدە خىتايغا بېرىشى پىلان قىلىنغان ئالىملار ھەيئىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا بارىدىغان ھەيئەتنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ھەيئەتنىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ خېلى بالدۇرلا خىتاي سەپىرىنى باشلاپ بولغانلىقىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا سەپىرىنى باشلىيالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم» دېدى.

ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە ۋىرۇسنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىشنىڭ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ھەيئەتنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي ئىشلار پىروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى مايك ريان (Mike Ryan) ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ تەشكىلات بىلىم ھەيئىتىنىڭ خىتايغا بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر