ئىسپانىيەدە روھىي مېيىپلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلدى

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى روھىي مېيىپ پۇقرالىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش تۈزۈمىگە رەسمىي خاتىمە بەردى.

1547805
ئىسپانىيەدە روھىي مېيىپلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېدرو سانچېز ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان يېڭى قانۇن بەلگىلىمىسىدە، روھىي مېيىپلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشكە خاتىمە بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھۆكۈمەت بۇ بەلگىلىمە توغرىسىدىكى باياناتىدا: «يېقىنقى ئون يىلدا ئىسپانىيەدە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنسىز قىلمىشقا ئايلىنىدىغان مەزكۇر ئەھۋالنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئېغىر بىنورماللىق پەيدا قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسپانىيە مېيىپلار ۋەكىللىرى كومىتېتىمۇ «ئىسپانىيە قانۇنى رۇخسەت قىلغان ئەڭ زىيانلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى ئاخىرلاشتى» دەپ بايانات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر