دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئەڭ دەسلەپتە قەيەردە ۋە قانداقلارچە ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە يۇققانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا ھەيئەت ئەۋەتىدۇ.

1547301
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايغا ئەۋەتىلىدىغان ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ روبېرت كوچ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىدىن بىرى فابىيان لىندېرز (Fabian Leendertz) بايانات ئېلان قىلىپ، ھەيئەتنىڭ خىتايغا ئەۋەتىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ، كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋابالارغا ئەڭ ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مەلۇمات توپلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېلەر ئاي (2021-يىلى يانۋار) ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى پىلان قىلىنغان زىيارەتنىڭ، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەيئەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى ۋەقە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ۋىرۇسنىڭ كىشىلەر ئويلاۋاتقان ۋاقىتتىن ئىلگىرى تارقالغان ياكى تارقالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تىببىي مەلۇماتنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ زىيارەت مەقسىتىنىڭ، ئومۇمەن ۋۇخەندە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋىرۇسنىڭ قايسى ھايۋاندىن ياكى يۇقتۇرغۇچىدىن ئادەمگە قاچان يۇققانلىقىنى ئېنىقلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋابانىڭ تارقىلىش سەۋەبلىرىنى قانچىلىك ياخشى بىلگەندە، كېلەچەكتە بۇنىڭغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى شۇنچىلىك ياخشى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە 2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقىلىپ ۋاباغا ئايلاندى. دۇنيادا ۋابا بىلەن يۇقۇملانغانلار 74 مىليوندىن ئاشقان بولسا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 657 مىڭدىن ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر