ئىرانلىق قوماندانلار سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن مۇسلىم شەھدان سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دەيرۇززۇر ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلدى.

1537311
ئىرانلىق قوماندانلار سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھدان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى قوماندانلار تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئىراق ئارقىلىق سۈرىيە تەرەپكە ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دەيرۇززۇرنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەلبۇكەمال ناھىيەسى سۇۋەيىييە يېزىسىغا يېقىن يەردە قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى نامەلۇم بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ھۇجۇمدا شەھدان ۋە ھەمراھلىقىدىكى 3 قوماندان قازا قىلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ھۇجۇمنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن مۇھسىن فاھرىزادە ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن مەيدانغا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دەيرۇززۇر زېمىنلىرى نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر