مېركېل ئورۇچ رەئىس پاراخوتى توغرىسىدا توختالدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تۈركىيەنىڭ ئورۇچ رەئىس يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ ئانتاليا پورتىغا قايتىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرىكى ياخشى ئىشارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1537215
مېركېل ئورۇچ رەئىس پاراخوتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكى دائىرىسىدە قىلغان سۆزىدە ئورۇچ رەئىس پاراخوتىنىڭ پورتقا قايتىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئورۇچ رەئىسنىڭ قايتىدىن تۈرك پورتىغا قايتىشى يىغىندىن بۇرۇنقى ياخشى ئىشارەت» دېدى.

باش مىنىستىر مېركېل، بۇ قەدەمنىڭ 10 -، 11 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا نەزەرگە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇساپىرلار دەتالاشلىرىدا ناھايىتى كۆپ قىينالدۇق. تۈركىيە بۇ جەھەتتە ھۆرمەتلەشكە لايىق. تۈركىيەگە ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

مېركېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە ھەمدەم بولىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر