بوكو ھارام نىگېرىيەدە قانلىق ۋەقە پەيدا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئىشتاتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام پەيدا قىلغان ھۇجۇمدا، 110 دېھقان جېنىدىن ئايرىلدى.

1536680
بوكو ھارام نىگېرىيەدە قانلىق ۋەقە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىروگراممىسىنىڭ نىگېرىيە كوردىناتورى ئېدۋارد كالېن (Edward Kallon) ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 29-نويابىر) تېررورىستلارنىڭ بورنو ئىشتاتىغا قاراشلىق گارىن كۋاشىبى (Garin Kwashebe) يېزىسىدا شاللىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدا 110 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھۇجۇم ناھايىتى قورقۇنچلىق. رەھىمسىزلەرچە قىلىنغان ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە چىن قەلبىمدىن سەۋر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

ئۇ يەنە، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىپ، ئېلىپ قېچىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئۇلارنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«بۇ يىرگىنىشلىك ھۇجۇم، پۈتكۈل دۆلەتنى يارىلاندۇردى.»

يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ھۇجۇملاردا 44 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر