ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى سايلاندى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە چادنىڭ نامزاتى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا سايلاندى.

1536205
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ پايتەختى نىئامېيدا ئۆتكۈزۈلگەن 47 -  نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2021 - يىلى نويابىردا توشىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۈسۈپ بىن ئەھمەد ئەل ئۇسەيمىننىڭ ئورنىغا سايلانغۇچى نامزات ئۈچۈن بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

چادنىڭ نامزاتى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا ھەممىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىبلىقىغا نامزات بولغانلار ئارىسىدىن ھازىرقى باش كاتىپ ئۇسەيمىن نامزاتلىقتىن چېكىنگەن ۋە بېنىن بىلەن نىگېرىيە بولسا، چادنى قوللاشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر