تەيۋەندە ئۇرۇش ئايروپىلانى مەشىق جەريانىدا يوقاپ كەتتى
تەيۋەندە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى مەشىق جەريانىدا يوقاپ كەتتى.
1529891
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن بىرى، كېچە مەشىق قىلىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بىر كىشىلىك مەشىق ئايروپىلانى قوزغىلىپ 2 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، راداردىن چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇچقۇچىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغان.
يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى، خۇاليېن شەھىرىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى رايوندا، كەڭ كۆلەمدە ھاۋا ۋە دېڭىزدىن ئىزدەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن.