سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
1526614
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لاھەيدىكى ئەلچىخانىسىغا شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت 5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كەم دېگەندە 20 پاي ئوق ئېتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە دېرىزىلىرىدە كەم دېگەندە 20 پاي ئوق ئىزى ۋە يەردە ئونلارچە مىشەك تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەرلەردە، ھۇجۇم قىلغۇچى ۋە سەۋەبىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدا ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقى ۋە ۋەقە توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.