گانادا بىر چېركاۋ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
گانانىڭ ئېستېرن ۋىلايىتىدە 6 قەۋەتلىك بىر چېركاۋنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 18 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1514600
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئېسترېرن ۋىلايىتىنىڭ مەسئۇلى رىچارد ئامو يارتېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانسو ئاكروسو رايونىدىكى 6 قەۋەتلىك بىر چېركاۋنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، خارابىلىكنىڭ ئاستىدىن 8 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 18 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان.
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئەترەتلىرىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يارىدارلار دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى بار ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا چېركاۋدا 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.