گوللاندىيە ھىندونېزىيەگە تۆلەم تۆلەيدۇ

گوللاندىيە سابىق مۇستەملىكىسى ھىندونېزىيەگە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەيدۇ.

1512289
گوللاندىيە ھىندونېزىيەگە تۆلەم تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بىلوك ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنك بىجلېۋېلد-شوتېن، گوللاندىيە پارلامېنتىغا يوللىغان خېتىدە، گوللاندىيە سوتىنىڭ مارتتا چىقارغان تۆلەم قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرمەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مەكتۇپتا، 1946-1947-يىللىرى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گوللاندىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھىندونېزىيەلىكلەرنىڭ بالىلىرىغا 5000 ياۋرو تۆلەم تۆلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

لاھېي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، مارتتا «گوللاندىيە ئەسكەرلىرى 1946-1947-يىللىرى ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە، ھىندونېزىيەلىك ئەرلەرنى ئېتىپ، قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان» دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى، ھەمدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۇل قالغان 8 ئايال بىلەن 4 بالىغا 235 ياۋرودىن 10 مىڭ ياۋروغىچە تۆلەم تۆلىشىنى قارارلاشتۇرغانىدى.

بۇ سوت، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 11 ئەرنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرى نامىدىن ئېچىلغانىدى.

 

گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندېر، 350 يىللىق مۇستەملىكە دەۋرىدە ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن، ھىندونېزىيەدىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر