ئەنگىلىيە ۋە گاللېردا نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ نىسبىتى ئاشماقتا

ئەنگىلىيە ۋە گاللېردا سادىر قىلىنغان نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %8 ئېشىپ، 105 مىڭ 90 غا يەتتى.

1508764
ئەنگىلىيە ۋە گاللېردا نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ نىسبىتى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «ئىرقچىلىققا مۇناسىۋەتلىك» نەپرەت جىنايىتىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %6 ئېشىپ، 76 مىڭ 70 كە يەتكەن ۋە ئومۇمىي نەپرەت جىنايىتىنىڭ %72 نى تەشكىل قىلغان.

بۇ خىل جىنايەتنىڭ بولۇپمۇ ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا كۆپىيىشى، ئامېرىكىدا 25 – مايدا ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيەدە ۋە گاللېردا ئوڭچىل گۇرۇپپىلارنىڭ «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىك» نامايىشى باشلانغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«دىن» مەنبەلىك نەپرەت جىنايىتىنىڭ سانى بولسا، 5 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىكى 7203 تىن 6822 گە ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن 2012 - ۋە 2013 - يىلدىن بۇيان دىنغا مۇناسىۋەتلىك نەپرەت جىنايەتلىرىدە تۇنجى قېتىم ئازىيىش كۆرۈلگەن.

بۇ جىنايەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى (3089 دېلو)  بىلەن مۇسۇلمانلار بولغان بولسا، 1205 دېلو بىلەن يەھۇدىيلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %8 ئاشقان ۋە جەمئىي 105 مىڭ 90 دەپ خاتىرىلەنگەن بارلىق نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى دېگۈدەك ئىرقچىلىق ئۆچمەنلىكىنى ئۇلغايتىش ۋە تەھدىت قاتارلىقلاردىن شۇنداقلا ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى كىشىلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىقتىن تەشكىل تاپقان.

ئەنگىلىيەدە، بولۇپمۇ 2016 - يىلىدىكى برېكسىت (ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش) نى خەلقنىڭ رايىغا قويۇش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، نەپرەت جىنايەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر