ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

«‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورىزمدىن تازىلانغان سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئافرىن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 4 كىشى يارىلاندى.

1503844
ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 4 كىشى يارىلانغان، ئەمما پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، تېررورلۇق تەشكىلاتى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر