پومپېيو تۆت تەرەپ ئۇچرىىشىشى ئۈچۈن توكيوغا يېتىپ كەلدى

پومپېيو: «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» غايىسىنىڭ، رايون بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ غايە ۋە ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى، خەلقلىرىمىزگە ئون يىللاردىن بۇيان پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى» دېدى.

1503683
پومپېيو تۆت تەرەپ ئۇچرىىشىشى ئۈچۈن توكيوغا يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتايغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئىتتىپاقى رامكىسىدىكى ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن، ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن، پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈپ، كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى سېنتەبىر) ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان باش ۋەزىر سۇگا يوشىھىدە ۋە كابېنتىنىڭ، سابىق باش ۋەزىر شىزۇ ئابىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سۇگا ھۆكۈمىتى رايونلۇق مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنىڭ ئۇل تېشى بولغان ياپونىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتكە توختىماي باشچىلىق قىلىشنى خالايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» غايىسىنىڭ رايون بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ غايە ۋە ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى، خەلقلىرىمىزگە ئون يىللاردىن بۇيان پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى» دېدى.

تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك دىيالوگى(QSD) دەپ بىلىنىدىغان ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا 2007-يىلى باشلانغان دىيالوگ مۇنبىرى، 2017-يىلى «تۆت تەرەپ ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر