ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۆزىنى كارانتىن قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېرلېيېن (Ursula von der Leyen) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەكشۈرۈشى مۇسبەت چىققان بىر كىشى بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى كارانتىن قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1502926
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۆزىنى كارانتىن قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېرلېيېن تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 4-ئۆكتەبىر) ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بىر كىشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر بويىچە ئەتە ئەتىگەنگىچە ئۆزەمنى كارانتىن قىلىمەن. پەيشەنبە (2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر) كۈنى سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتتۈم ۋە نەتىجە مەنپىي چىقتى. بۈگۈن يەنە سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتتۈم، ھازىر نەتىجىسىنى ساقلاۋاتىمەن» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۇرسۇلا ۋوندېرلېيېن ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە ۋە جۈمە (2020-يىلى 1-2 ئۆكتەبىر كۈنلىرى) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىشېل (Charles Michel) قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنى بىر ھەپتە كارانتىن قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىككى ئەزاسىمۇ ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئۆزلىرىنى كارانتىن قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر