پاپا پومپېيونىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى

كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى ۋە ۋاتىكاننىڭ پىرېزىدېنتى پاپا فرانسىس (PapaFrancis) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ۋاتىكان زىيارىتى جەريانىدا كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى.

1499338
پاپا پومپېيونىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىككى يىللىق كېلىشىمنىڭ پات ئارىدا يېڭىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋاتىكاننى زىيارەت قىلماقچى بولغان مايك پومپېيو، پاپانىڭ كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان جاۋابىنى ئالدى.

ئەنگلىيەنىڭ «ئىندېپېندېنت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاپا يېقىنلىشىۋاتقان ئامېرىكا سايلىمى ۋە ترامپنىڭ ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ كېلىشىمىگە نارازىلىق كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ۋاتىكان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاردىنال پىيېترو پارولىن (PietroParolin) ۋە باش ئىپىسكوپ پاۋل گاللاغېر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ جەمئىيەتكە تەپسىلىي ئاشكارىلانمىغان كېلىشىمىدە، ۋاتىكاننىڭ خىتايدىكى ئىپىسكوپلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىدە پىكىر بىلدۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ.

ئىككى يىل بۇرۇن كېلىشىم تۈزۈلگەندىن بۇيان، خىتايدا ۋاتىكان بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئىككى ئىپىسكوپ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر