خوڭكوڭدا تۈنۈگۈن قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە نارازلىق بىلدۈرگەن خەلق ئاممىسى كەڭ – كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

1485948
خوڭكوڭدا تۈنۈگۈن قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا مىڭلىغان كىشى سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاز دېگەندە 90 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قانۇنسىز يىغىلىش قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نامايىش جەريانىدا ئاتاقلىق پائالىيەتچىلەردىن تام تاك چىمۇ قولغا ئېلىندى.

ساقچىلار كوۋلۇن رايونىدا نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كارى لام 31 – ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ 1 يىل كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر