خىتاي بىلەن ئاۋىستىرالىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ قېتىم ئارپا تالاش - تارتىشى باشلاندى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋىستىرالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئېكسپورت قىلغۇچىدىن ئارپا سېتىۋېلىشنى توختاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاموژنا ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋسترالىيە شىركىتى يوللىغان مەھسۇلاتلاردا زىيانلىق ھاشاراتلەر بايقالغانلىقى ۋە ئارپا ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئاۋستىرالىيە شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ سۆز -چۆچەكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلىقىنى ئېيتتى.
شىركەت ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئارپا سودىسىغا يېقىنقى ئايلاردا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋىستىرالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ئارپاغا %80 تاموژنا بېجىنى يولغا قويغان بولۇپ، باج ئاشۇرۇش سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنداقلا ئارپا ئىمپورت قىلىشقا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
بېيجىڭ ۋە كانبېررا ھۆكۈمەتلىرى يېقىندىن بۇيان رايون خاراكتېرلىق ۋە ئىككى تەرەپ مەسىلىلىرىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى چېگرا ئۇقۇشماسلىقىدىن، خوڭكوڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە، ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە زىت سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا.