ھىندىستاندا بىنا ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە 47 ئېغىزلىق 5 قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
1478894
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 كىشى قاپسىلىپ قالغان ۋەقەدىن كېيىن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 15 كىشى يارىدار ھالەتتە چىقىرىلدى.
ئاپەت رايونىدا كۆپ ساندا قۇتقۇزش ئاپتوموبىللىرى ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە كۈزلۈك يامغۇرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.