دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 797 مىڭ 925 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىليون 911 مىڭ 850 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 15 مىليون 558 مىڭدىن ئاشتى.

1476855
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 177 مىڭ 456 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىليون 747 مىڭ 544 كە چىقتى.

ئامېرىكادا ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدىكى ئەھۋال قايتىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يېڭى دوكلات، يۇقۇملىنىشتا كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغان دەرىجىدە كۆپىيىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، ئامېرىكا ساناتورىيەلىرىدە بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارىنىڭ سانى 2020-يىلى 31-ماي 9 مىڭ 72 بولغان بولسا، 21-ئىيۇندا 5 مىڭ 468 گە چۈشكەنلىكى، 19-ئىيۇلغىچە بۇ ساننىڭ ئۆرلەپ 8 مىڭ 628 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادىن قالسا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 204 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 112 مىڭ 423 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 45 مىڭ 323 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 505 مىڭ 97 گە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 625 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 59 مىڭ 106 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 6 مىڭ 775 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 543 مىڭ 806 گە چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 322 مىڭ 380 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 35 مىڭ 418، فىرانسىيەدە 30 مىڭ 480، ئىسپانىيەدە 28 مىڭ 813 بولدى.

كانادادا يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 9 مىڭ 54 كە چىقتى.122 مىڭ 376 بولغان يۇقۇملانغانلار سانى، ئوخشاش ۋاقىتتا 3 مىڭ 19 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن 125 مىڭ 395 كە چىقتى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر