دائېشنىڭ خوراسان مەسئۇلى ئۆلتۈرۈلدى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخان ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش خوراسان ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ئەسەدۇللاھ ئورۇقزەينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1465758
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئورۇقزەي ئافغانىستاندىكى قانلىق ھەرىكەتلارنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان بۇنداق ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىكەن.