ھەنىييە ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

1462231
ھەنىييە ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا قارىغاندا، ھەنىييە، ئاياسوفيا جامەسىنىڭ قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىشى ۋە تۇنجى جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغان.

ئۇ، تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، پەلەستىن خەلقىنىڭ قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلىرى ۋە مۇقەددەس جايلىرىنى قوغداش يولىدىكى قانۇنىي كۈرىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ۋە پەلەستىن خەلقلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان قېرىنداشلىق رىشتىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر