ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ ساياھەت رايونلىرىدا يولغا قويۇۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

1455513
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ «‹UNIAN› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا ساياھەت ئۈچۈن ئىشىكلىرىنى ئاچقان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ساياھەت رايونلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كەڭ دائىرىلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق، بىخەتەر ساياھەت قىلىش شارائىتىنىڭ يارىتىپ بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار ۋە ساياھەت رايونلىرىدىمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى پۇختا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ تەدبىرلەر ئۇكرائىنادىكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان خەۋەردە يەنە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتقانلىقى، تۈركىيەدە ساياھەت جەريانىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ، ئۇكرائىناغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر