خالىلزاد پاكىستانغا تەشەككۈر ئېيتتى

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد پاكىستانغا ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانىلىقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

1448265
خالىلزاد پاكىستانغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئالاھىدە ۋەكىل خالىلزادنىڭ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت قۇرەيشى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى قامار جاۋىد باجۋا بىلەن ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسلامئابادتا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، خالىلزادنىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار سەۋەبىدىن پاكىستانغا تەشەككۈر ئېيتقانلىقى، تەرەپلەرنىڭ قالغان مەسىلىلەرنى تېزلىكتە ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مىنىستىر شاھ مەھمۇت قۇرەيشىنىڭ مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئافغانىستانلىقلار ئارا تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دۆلەتلىك ئالىي مۇرەسسە كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ھېس قىلغان مەمنۇنلۇقىنى تىلغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قۇرەيشىنىڭ ئافغانىستانلىقلار ئارا ئۇچرىشىشلارنىڭ ئالدىنى ئېچىش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان تالىباننىڭ 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، تالىباننىڭ بولسا، مىڭدىن ئارتۇق ئەسىرنى، ئافغانىستانلىقلار ئارا مۇزاكىرەلەر باشلىنىشتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر