ئاۋام پالاتاسى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى چەكلىنىدىغان لايىھەنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارا تەنلىك جورج فلويد (George Floyd) نىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1443978
ئاۋام پالاتاسى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى چەكلىنىدىغان لايىھەنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان «جورج فلويد ئۈچۈن ۋە ساقچى قانۇنى» ناملىق لايىھە، 181 گە قارشى 236 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر قارشى چىققان لايىھەنى، ئۈچ جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭ قوللىشى دىققەت تارتتى. 

لايىھەدە، دۆلەت مىقياسىدىكى ساقچى ئىدارىلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش، ھەر تۈرلۈك زوراۋان تەدبىرلەرنى چەكلەش، تۇيۇقسىز ئۆي تەكشۈرۈشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ساقچىلارنى ئېنىقلاش تەكلىپ قىلىنىدۇ.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلۇسى خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لايىھەنىڭ ناچار خاھىشتىكى ساقچىلارنى جازالاش ئارقىلىق ساقچى مەدەنىيىتىنى زوراۋانلىقتىن ۋە سىستېمىلىق ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بارلىق ساقچىلارنى ئوخشاش دېمەيمىز، ئەمما بۇ لايىھە ئارقىلىق ئوخشاش دەپ قاراش كېرەك بولغان ساقچىلار ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك بولغان لايىھەنىڭ، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى قىيىن. ئەمما، كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرى تەييارلىغان لايىھەنى ئاۋازغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

جۇمھۇرىيەتچىلەر تەييارلىغان لايىھەدە، ساقچى ئىدارىلىرىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە زوراۋانلىقلارنى تۈگىتىشنىڭ مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى، ئەمما ساقچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىنغان ئەھۋالدا زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر