ئامېرىكادا بەزى ئىشتاتلاردا كارانتىن بەلگىلىمىسى قايتا باشلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ئۈچ قوشنا ئىشتات» قا يۇقۇم نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن ئىشتاتلاردىن بارغان كىشىلەرگە قارىتا 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇرۇش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

1442896
ئامېرىكادا بەزى ئىشتاتلاردا كارانتىن بەلگىلىمىسى قايتا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 485 مىڭ 176 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 534 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 5 مىليون 179 مىڭغا يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 124 مىڭ 282 گە يەتكەن، يۇقۇملانغانلار سانى ئىككى مىليون 462 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتىتى ئۆلچەش ۋە باھالاش ئىنستىتۇتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، بۇ دۆلەتتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 179 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. «ئۈچ قوشنا ئىشتات» دەپ بىلىنىدىغان نىيۇ يورك  نىيۇ جېرسىي ۋە كوننېكتىكات ئىشتاتلىرىدا، يۇقۇم نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن ئىشتاتلاردىن بارغان كىشىلەرگە قارىتا 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇرۇش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

 بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 185 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 53 مىڭ 830 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 188 مىڭ 631 گە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 947 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 24 مىڭ 324 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 196 مىڭ 847 گە يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 154 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 43 مىڭ 81 گە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 306 مىڭ 862 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 11 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 731 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 198 مىڭ 743 كە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 10 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 28 مىڭ 327 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 247 مىڭ 86 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 3 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1543 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 مىڭ 104 كە يەتتى.

6097 كىشى قازا قىلغان گوللاندىيەدە، باش مىنىستىر مارك رۇتتې، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ، 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ 3 – باسقۇچلۇق مۆلچەردىكىدىنمۇ كەڭ دائىرىنى يېنىكلىتىلىش  ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

 پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 3 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1543 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 مىڭ 104 كە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 582 كىشى قازا قىلغان، 14 مىڭ 540 كىشى يۇقۇملانغان گۋاتېمالادا، دۆلەتلىك تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتقان 240 خادىم يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئالدىنقى كۈنىمۇ پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ 151 خادىمىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

<ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى مەزگىلدە تەكرار كۆپىيىشكە باشلىغان بالقان رايونىدا، بەزى دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بەزى تەدبىرلەرنى قايتىدىن يولغا قويۇشقا باشلىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 107 كىشى قازا قىلغان كىرودىيە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغانلار سانى 2388 گە يەتكەندىن كېيىن، رايون دۆلەتلىرى بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا، سېربىيە، كوسوۋو ۋە شىمالىي ماكېدونىيەدىن كىرىدىغانلارغا قارىتا ئۇدا 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 263 كىشى قازا قىلغان، 13 مىڭ 235 كىشى يۇقۇملانغان سېربىيەدە، كۈندىلىك يۇقۇم نىسبىتىنىڭ قايتىدىن ئۆرلەپ كېتىشىدىن كېيىن، شەھەرلەر ئارا ۋە شەھەر ئىچى قاتناش ۋاسىتىلىرىدا ماسكا تاقاش شەرت قىلىندى.

بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 88 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، ئۇزۇن مۇددەت يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن سىلوۋېنىيەدە 7 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

104 كىشى قازا قىلغان ئاۋىستىرالىيەدە، ۋىكتورىيە ئىشتاتىدىكى كارانتىن ئىشلىرىنى ئەسكەرلەر كۆزىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى Qantas كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپىنچىسى خەلقئارالىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن بولڭپ، 6000 خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر