شارلوت شەھىرىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى شارلوت (Charlotte) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق ھاۋا پائالىيىتىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى.

1440924
شارلوت شەھىرىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكانىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىغا جايلاشقان شارلوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق ھاۋا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە ئىككى جېنىدىن ئايرىلىپ، يەتتە كىشى يارىلاندى.

شارلوت-مېكلېنبۇرگ ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جوننى جېننىڭس (Johnny Jennings) بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادا قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنغان «19-ئىيۇن» (Juneteenth) كۈنىنى تەبرىكلەشنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق ھاۋا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، يېرىم كېچە ۋاقتىدا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە، ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئوق چىقارغان بىردىن كۆپ كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئوق چىقىرىلغاندا قاچقان بەش كىشىگە ئاپتوموبىل سوقۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يارىلانغان 12 كىشى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بېرىلمىدى.

2020-يىلى 25-ماي ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ مىننېپولىس شەھىرىدە قارا تەنلىك جورج فلويد (George Floyd) ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى ھەر قايسى جايلاردا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر