ئامېرىكا ساناتورىيەلىرىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەن

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 446 مىڭ 193 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 266 مىڭ 476 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 4 مىليون 323 مىڭ 375 تىن ئاشتى.

1437675
ئامېرىكا ساناتورىيەلىرىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 119 مىڭ 132 غا چىققان ۋە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ساناتورىيەلەردە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىدا 233 كىشى كۆپىيىپ 41 مىڭ 969 غا چىققان ۋە ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىڭ 279 كىشى كۆپىيىپ 298 مىڭ 136 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 34 كىشى كۆپىيىپ 34 مىڭ 405 كە، يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 210 كىشى كۆپەيدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە دوختۇرخانىلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 38 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە ساناتورىيەلەردە 73 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 29 مىڭ 547 گە چىققان بۇ دۆلەتتە، بىر كۈندە يۇقۇملانغانلار سانى 344 كىشى كۆپىيىپ 195 مىڭ 121 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 25 بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 7-ئىيۇندا توختىتىلغان 27 مىڭ 136 دا قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 76 كىشى كۆپىيىپ 244 مىڭ 328 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 522 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى 300 كىشى كۆپىيىپ 37 مىڭ 336 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 45 مىڭ 456، مېكسىكا 18 مىڭ 310، كانادا 8 مىڭ 213، پېرۇ 7 مىڭ 56، گوللاندىيە 6 مىڭ 70، شىۋېتسىيە 4 مىڭ 939 ۋە ئېكۋادور 3 مىڭ 970.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر