چاد پەقەت تۈركىيەنىڭلا ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشىدە چادقا ياردەم قولىنى سۇنغان يېگانە دۆلەت تۈركىيە بولدى.

1437033
چاد پەقەت تۈركىيەنىڭلا ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد سەھىيە مىنىستىرى مەھمۇد يۈسۈف ھايال، پارلامېنتتا ئۆكتىچىلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى ياردەملەر ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەر مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە،  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە تېببىي لازىمەتلىكلەر جەھەتتىن قىيىنچىلىقققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، پايتەخت نېجامېنا ۋە بىرقانچە ئۆلكىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا تارقىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسىدىن سىرت يەنە، سەھىيە خادىملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان يېتەرلىك ئۈسكۈنىلەرمۇ يوق، قولىمىزدا پەقەت تۈركىيە ئەۋەتكەن 25 نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسىلا بار.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېببىي لازىمەتلىكلەر، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئائىت يۈك ئايروپىلانى بىلەن 26 – ماي كۈنى چادقا يەتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، چادتا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 73 كىشى قازا قىلغان، 850 كىشى يۇقۇملانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر