خالىلزاد ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ باشلىنىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد تالىبان بىلەن ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1434643
خالىلزاد ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ باشلىنىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى خالىلزاد تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەڭ مۇھىم مەقسەتنىڭ ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەقسەتكە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئاجىزلىتىشنى خالايدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ھازىرغىچە تىنچلىق ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر