ئارگېنتىنادا جورج فلويدقا ئادالەت تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنادا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جورج فلويدنىڭ ساقچى زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1428389
ئارگېنتىنادا جورج فلويدقا ئادالەت تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېسنىڭ مەركىزىدىكى ئوبېلىسكو مەيدانىغا توپلانغان نۇرغۇن ئادەم، جورج فلويد ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش ۋە ئامېرىكادىكى نامايىشچىلارنى قوللاش مەقسىتىدە ئامېرىكا سودا باشقارمىسى بىناسىنىڭ ئالدىغىچە يۈرىدى.

قوللىرىدا «جورج فلويد ئۈچۈن ئادالەت» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقا نامايىشچىلار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

ئامېرىكادا 25 – مايدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى ساقچى زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان جورج فلويد ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا - بەزى جايلاردا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، بولاش ۋە سۈركىلىشلەرگە سەھنە بولغان – نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر