جو بايدىن دەسلەپكى سايلاملاردا غەلىبە قىلدى

ئامېرىكادىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان بىردىنبىر كاندىدات سۈپىتىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جو بايدىن سەككىز ئىشتات بىلەن پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سايلامدا غەلىبە قىلدى.

1428572
جو بايدىن دەسلەپكى سايلاملاردا غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا AP ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى نەتىجىگە قارىغاندا، بايدىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىيوۋا ، مونتانا، يېڭى مېكسىكا، جەنۇبىي داكوتا، مارىلاند، پېنسىلۋانىيە، رود ئارىلى، ئىندىيانا ۋە ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ۋەكىل سانىدا پىرېزىدېنت ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان چەككە تېخىمۇ يېقىنلاشقان.

بايدىن بۇ نەتىجىلەر بىلەن، 1828 ۋەكىل سانىغا يېتىپ، رەسمىي كاندىدات بولۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان 1909 چەككە خېلىلا يېقىنلاشقان.

2020-يىلدىكى پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۈچۈن بايدىن بىلەن رىقابەتلەشكەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنى ساندېرس فېۋرالدا باشلانغان دەسلەپكى سايلاملارنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن، ئەمما ئاپرېل ئېيىغا كەلگەندە بايدىننىڭ ئارقىسىدا قېلىپ سايلام رىقابىتىدىن چېكىنگەن ئىدى.

ساندېرس يېقىندا بايدېننى 2020-يىلدىكى سايلامدا قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دېموكراتلار پارتىيەسى 17-ئاۋغۇست ھەپتىسى ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ مىلۋوكى شەھىرىدە پىرېزىدېنت كاندىداتلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى رەسمىي نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغان قۇرۇلتاي 24-ئاۋغۇستتىن 27-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكادا 2020-يىلى 3-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا غەلىبە قىلغان كىشى، 2021-يىلى 20-يانۋار ئاقسارايدا پىرېزىدېنتلىق ئورۇنىغا ئولتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر