ئامېرىكادىكى ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئەنگلىيەدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مىڭلىغان نامايىشچىلار ئامېرىكانىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا نازارەتكە ئېلىش جەريانىدا ساقچى زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە قازا قىلغان جورج فلويىد ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

1426875
ئامېرىكادىكى ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئەنگلىيەدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مىڭلىغان نامايىشچىلار ئامېرىكانىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا نازارەتكە ئېلىش جەريانىدا ساقچى زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە قازا قىلغان جورج فلويىد ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار چۈشتە ترافالگار مەيدانىغا يىغىلىپ، «ئادالەت بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ»، «تىزىڭنى بوينىمىزدىن تارت» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە  ھۆكۈمىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

نامايىشچىلار كېيىن لوندوننىڭ ۋاكسھال رايونىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

ئەنگىلىيە ساقچىلىرى ئەلچىخانا ئالدىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالدى. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا بەزى ئاغزاكى ۋە جىسمانىي توقۇنۇشلار يۈز بەردى. 11 نامايىشچى قولغا ئېلىندى.

ساقچىلارنىڭ چېكىنىشى بىلەن جىددىيلىك تۆۋەنلىدى. ئاندىن نامايىشچىلار باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى «10-نومۇر» لۇق ئىشخانىسى جايلاشقان دوۋنىڭ كوچىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە نامايىشلىرىنى شۇ يەردە داۋاملاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر