ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 2 پۇقرا يارىلاندى.
1417038
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ 2 پۇقرا يارىلاندى.
تېررورلۇق ھۇجۇمى رايوندا ماددىي زىيان پەيدا قىلدى، ئاپتوموبىل ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرى دىققىتىنى ھۇجۇمنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىغا مەركەزلەشتۈردى.
تەل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدىكى ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ، ئىزچىل ھالدا باب، ئازەز، جەرابلۇس ۋە ئافرىن رايونلىرىدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.