دائېش مەسئۇللىرىدىن خوراسانى تۇتۇلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى شەيخ ئەبۇ ئۆمەر ئەلخوراسانى ئافغانىستاندا قولغا چۈشتى.

1415696
دائېش مەسئۇللىرىدىن خوراسانى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاھىدە قىسىملارنىڭ پايتەخت كابۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، دائېشنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى شەيخ ئەبۇ ئۆمەر ئەلخوراسانى قولغا چۈشكەن، دائېشنىڭ ئاتالمىش جەنۇبىي ئاسىيا ئاخبارات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇللىرى يارىلانغان.

باياناتتتا تەكىتلىنىشىچە،  بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولغا چۈشكەن دائېش ئەزالىرىنىڭ ئىقرارلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان.

دائېشنىڭ خوراسان مەسئۇلى ئابدۇللاھ ئوراقزاي ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىىدا 5 – ئاپرېل كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەتتە قولغا چۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر