مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس ئۆزىنى كارانتىنغا ئالدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ، باياناتچىسى كاتىې مىللېردە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن ئۆزىنى كارانتىنغا ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1414728
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس ئۆزىنى كارانتىنغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلۇمبېرگ قانىلىنىڭ ئاقساراينى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى باياناتچى مىللېردە يۇقۇم بايقالغاندىن كېيىن، پېنسمۇ تەدبىردىن قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى كارانتىنغا ئالغان.

تەكشۈرۈشتە يۇقۇم يوقلۇقىغا دىياگنوز قويۇلغان پېنسنىڭ، ھەر ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇپ بىر مەزگىل ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پېنسنىڭ كارانتىن قارارى توغرىسىدا ئاقساراي ياكى ئۇنىڭ ئىشخانىسى ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي بايانات بەرمىدى.

پەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ باياناتچىسى مىللېرنىڭمۇ ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلغانىدى. شۇ كۈنى، ترامپنىڭ ئاقساراي مەسلىھەتچىسى بولغان قىزى ئىۋانكا ترامپنىڭ ياردەمچىسى ۋە باشقا 11 نەپەر مەخپىي رازۋىتكا خادىمىدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر