پومپېيو ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 258 مىڭ 500 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 741 مىڭ 400 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 247 مىڭ 600 دىن ئاشتى.

1411916
پومپېيو ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 72 مىڭ 200 دىن ئاشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ۋىرولوجى تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي (Mark Milley) بولسا، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئاساسلىقى ۋىرۇسنىڭ قەستەن تارقىتىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.    

نىيۇ يوركتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارغا، ساناتورىيەلەردە يۈز بەرگەن، ئەمما تىزىمغا ئېلىنمىغانلىقى بىلىنگەن 1 مىڭ 700 ئۆلۈم قوشۇلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋاباغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى بوشىتىش مەزگىلىدە ئۆلۈم-يېتىملەرنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى، بىراق ئىقتىسادنى بىر شەكىلدە ئېچىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 236 كىشى ئېشىپ 29 مىڭ 315 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 1 مىڭ 513 كىشى ئازىيىپ 98 مىڭ 467 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 330 كىشى ئېشىپ 25 مىڭ 531 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 406 كىشى ئېشىپ 204 مىڭ 659 غا چىقتى.

فىرانسىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى 2020-يىلى 11-مايدىن باشلاپ قەدەممۇ قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 693 كىشى ئېشىپ 29 مىڭ 427 گە چىقتى. ئەنگلىيە بۇ سان بىلەن ئىتالىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ياۋروپادا بىرىنچى ئورۇنغا، دۇنيادا ئامېرىكادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەتتە 4 مىڭ 406 يېڭى يۇقۇملانغانلار بايقالدى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 165 كىشى ئېشىپ 6 مىڭ 996 گە يەتتى. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشتاتلار بارلىق ماگېزىنلارنى ئېچىشقا ۋە سىرتلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بەلگىلىك شەرت ئاستىد رۇخسەت قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرى جامائەت تۇرمۇش سورۇنلىرىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئېچىلىشىنى قارار قىلىدۇ. ئىشتاتلارنىڭ ئۇنىۋېرستېت، رېستوران، قەھۋەخانا، مېھمانساراي، سودا يەرمەنكىلىرى، ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى، تىياتىرلار، چېنىقىش سالونلىرى، كىنوخانىلار ۋە دېسكوخانىلارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئېچىشتا ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كانادادا تۈنۈگۈن (2020-يىلى 5-ماي) 3 مىڭ 981 بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىغا، يېقىنقى 24 سائەتتە 185 كىشى قوشۇلدى ۋە جەئىي سان 4 مىڭ 166 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 24 سائەتتە 1 مىڭ 274 كىشى ئېشىپ 62 مىڭ 46 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان بىرازىلىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 633 كىشى ئېشىپ 7 مىڭ 921 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىڭ 493 كىشى ئېشىپ 114 مىڭ 715 كە چىقتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچېچ (Christchurch) شەھىرىدە 60 ياشلاردىكى بىر ئايال ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ دۆلەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 21 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىسپانىيەدە 25 مىڭ 613، بېلگىيەدە 8 مىڭ 16، گوللاندىيەدە 5 مىڭ 168، شىۋېتسىيەدە 2 مىڭ 854، مېكسىكادا 2 مىڭ 507، شىۋېيتسارىيەدە 1 مىڭ 795، ئېكۋادوردا 1 مىڭ 569، پېرۇدا 1 مىڭ 444، ئىرېلاندىيەدە 1 مىڭ 339، پورتۇگالىيەدە 1 مىڭ 74، رۇمېنىيەدە 854، پولشادا 723، ئاۋستىرىيەدە 606، چىلىدا 275.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر