ئافرىندا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بارغان بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 11 ى بالا بولۇپ 40 قا يەتتى.

1407458
ئافرىندا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ ئافرىن شەھەر مەركىزىدە پۇقرالار كۆپ بولغان راجۇ كوچىسىدا بومبا قاچىلانغان نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 11  بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 پۇقرا قازا قىلدى، 47 پۇقرا يارىلاندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا پۇقرالارنى نىشان قىلىدىغان شەكىلدە كۆمۈپ قويۇلغان مىنا پاچاقلاپ تاشلاندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بومبا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق مەسۇم پۇقرالارنى نىشان قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى كۆمۈپ قويغان مىنالارنى پاچاقلاپ تاشلاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پۇقرالارنى نىشان قىلىدىغان شەكىلدە كۆمۈپ قويۇلغان مىنا قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر