باش ۋەزىر بورىس جونسون خىزمىتىگە قايتتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، خىزمىتىگە قايتتى.

1405986
باش ۋەزىر بورىس جونسون خىزمىتىگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋزىر بورىس جونسون تۈنۈگۈن (2020-يىلى 26-ئاپرېل) باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىدىكى ئىشخانىسىغا ۋە 10-نومۇرلۇق تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ بۈگۈن (2020-يىلى 27-ئاپرېل) مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىغا باشچىلىق قىلىدۇ.

بورىس جونسوننىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

«تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بورىس جونسوننىڭ بۇ ھەپتە چەكلىمىلەرنى يەڭگىللىتىشكە مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى ئېلان قىلىشىمۇ كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان بورىس جونسوننىڭ بىر ياردەمچىسى، باش ۋەزىرنىڭ چەكلىمە تەدبىرلەرنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

2020-يىلى 7-ماي كۈنىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك بولغان كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ ياردەمچى: «باش ۋەزىر چەكلىمىلەرنى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىشنى خالىسا ياكى پەقەت بولمىغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر ئىشلارنى ئۇقتۇرۇشنى خالىسا، قىلسا بولىدۇ. ‹كارانتىننى ئاخىرلاشتۇرۇش› دېگەن گەپ خاتا. ‹كارانتىننى تەرتىپكە سېلىش› دېيىش توغرا» دېدى.

ئەنگلىيەدە 2020-يىلى 23-مارت كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ماگېزىن ۋە دورىخانىلاردىن باشقا بارلىق يەرلەر تاقالغان ئىدى. بەزى كارانتىن تەدبىرلىرى 16-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلغان ئىدى.

27-مارت باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ئىدى. 5-ئاپرېل كەچتە ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، سالامەتلىكى ياخشىلانمىغاچقا دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان، ئەتىسى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىنغان ئىدى. 9-ئاپرېل جىددىي قۇتقۇزۇشتىن چىققان، 12-ئاپرېل بولسا دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر مەزگىل دەم ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر